ئامېرىكا: پيوڭياڭ رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىسە، بەدىلىنى تۆلەيدۇ

ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان شىمالىي كورېيە رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىسە، ئۇنىڭ «بەدىلىنى تۆلەيدىغانلىقى»نى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى.

2033946
ئامېرىكا: پيوڭياڭ رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلىسە، بەدىلىنى تۆلەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سۇللىۋان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىندىن بۇيانقى كۈچىيىۋاتقان ئالاقىسى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ پيوڭياڭ موسكۋانى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىدىغان قوراللار بىلەن تەمىنلىگەن تەقدىردە قانداق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ: «مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، قىش پەسلىگە كىرىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاشلىق ئامبارلىرى ۋە چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئىسسىتىش ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، باشقا بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق ساھەسىنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ئۇرۇشىدا رۇسىيەنى قورال بىلەن تەمىنلەش، شىمالىي كورېيەگە سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلەيدۇ» دېدى.

شىمالىي كورېيەنى رۇسىيەنى قورال - ياراغ بىلەن تەمىنلىمەسلىك توغرىسىدا «ئاگاھلاندۇرغانلىقلىرى»نى بىلدۈرگەن سۇللىۋان، پىيوڭياڭ ھۆكۈمىتىنى قورال - ياراغ سېتىش قەدەملىرىدىن يالتايتىش ئۈچۈن، پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن بۇ ئايدا رۇسىيەنى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن «ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتا موسكۋانى تېخىمۇ كۆپ قورال بىلەن تەمىنلەش ۋە ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى ھەربىي ھەمكارلىق پۇرسەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر