يون: شىمالىي كورېيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەللىرىگە خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئول شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى — ASEAN غا ئەزا دۆلەتلەرگە «بىۋاسىتە ۋە مەۋجۇتلۇق تەھدىتى» ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2033303
يون: شىمالىي كورېيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەللىرىگە خەۋپ ئېلىپ كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى، جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئولنىڭ بۈگۈن باشلىنىدىغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ھىندونېزىيەنىڭ «كومپاس» گېزىتىنىڭ سوئاللىرىغا يازما شەكىلدە جاۋاب بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يون: «شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىغۋاگەرچىلىكىنى كۈچەيتىشى ۋە يادرو تەھدىتلىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا بىۋاسىتە ۋە تەھدىتى پەيدا قىلماقتا» دېگەن.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ بۇ تەھدىتلەرگە قايتۇرۇلىدىغان ئەڭ ياخشى جاۋاب بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان يون، ھىندى- تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنىڭ يەر شارىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر