سەئۇدى ئەرەبىستان: تۈركىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئىشىنىمىز

سەئۇدى ئەرەبىستان سانائەت ۋە قېزىلما بايلىقلار ۋەزىرى بەندەر بىن ئىبراھىم ئەلھۇرەيف تۈركىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

2030474
سەئۇدى ئەرەبىستان: تۈركىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئىشىنىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلھۇرەيف پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە - سەئۇدى ئەرەبىستان يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنىدىن كېيىن، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئۇ تۈركىيە زىيارىتىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۈكسەك سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى، بۇ ھەقتە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەلھۇرەيف بۇ زىيارەتتىن مەقسەتنىڭ  تۈركىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بولۇپمۇ سانائەت ۋە كان ساھەسى قاتارلىق ساھەلەرگە مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ئەھمىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەلىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئىشىنىمىز. تۈركىيەنىڭ بۇ پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىشىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.»

ئۇ تۈركىيە زىيارىتىنى ئىستانبۇلدا تاماملايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتىمىز. پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سانائەت ۋە كانچىلىق ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى تاماملايمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر