ئۇكرائىنا: تۈركىيە ئىنتايىن كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقتا

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا تۈركىيەنىڭ ئىنتايىن كونكرېت مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى ۋە ھەل قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

2029412
ئۇكرائىنا: تۈركىيە ئىنتايىن كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەل قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دىمىترو كۇلېبا بىلەن دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان تۈنۈگۈن پايتەخت كىيېۋدا بىر يەرگە جەم بولغاندىن كېيىن  قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

كۇلېبا بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، ئۇكرائىنا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر  ھەقىقىي ھەمكارلىق ۋە ئۆزئارا قوللاشنى ئاساس قىلىدۇ. دەرۋەقە بۇ ھەمكارلىقنى ئىزاھلاشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق.»

مىنىستىر كۇلېبا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ ئۇكرائىنا زىيارىتى دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئۇچرىشىشلاردا قارادېڭىز ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمىنى قايتا جانلاندۇرۇش مەسىلىسىنىڭ ئاساسلىق تېما سۈپىتىدە مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «قارادېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىنى قايتا جانلاندۇرۇش مەسىلىسىدە قارىشىمىز ئوخشاش. دەرۋەقە بۇ كېلىشىمنى قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.»

كۇلېبا ئۇچرىشىشتا تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئوتتۇرىغا قويغان «تىنچلىق فورماتسىيەسى» گە داخىل بولۇش رولى توغرىلىقمۇ  مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئۇچرىشىشتا تۈركىيە شىركەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى قايتا قۇرۇپ چىقىش باسقۇچىدىكى رولى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق. شۇنداقلا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشى توغرىسىدا تەپسىلىي مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. ئۇكرائىنا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى ھەر سەۋىيەدە داۋاملاشماقتا. بىزگە نىسبەتەن تۈركىيە  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەزاسىدۇر. ئۇكرائىنا – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى شۇنداق مۇستەھكەم بولۇپ، ھەر ساھەدە بىر – بىرىگە ئىشىنىدۇ، ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ئىشىنىمەنكى، دۆلەتلىرىمىز ۋە خەلقلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ.»

كۇلېبا ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ «تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە قان تۆكۈشنى توختىتىشتىكى رولى» توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇزچىلىق باشلانغاندىن بۇيان، نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا رول ئويناشنى خالايدىغانلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن، ناھايىتى ئاز ساندىكى دۆلەتلەرلا ھېچ بولمىغاندا بىر ئىشلارنى قىلالىدى. بىز ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيەت ئەمەلىيەتتە تۈركىيەگە تەئەللۇقتۇر. مېنىڭچە بۇ ناھايىتى روشەن ھەقىقەتتۇر. تۈركىيەنىڭ كىرىزىسنى تىنچ يوللار بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى بىزنى بۇ سوئال ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئەلۋەتتە.»

«تۈركىيەنىڭ ئويناۋاتقان رولىنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ھەم ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. چۈنكى تۈركىيە ھەممە ئىشنى بىراقلا ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئىنتايىن كونكرېت مەسىلىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەل قىلىۋاتىدۇ. دەرۋەقە، ئۇرۇش سەۋەبىدىن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مۇمكىن ئەمەس. بىزمۇ تۈركىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ بۇ ساھەدىكى تەسىر كۈچى ھەم ئۈنۈمىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز.»

مىنىستىر كۇلېبا تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىناغا مۇناسىۋەتلىك تەشەببۇسلىرىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە دائىرىلىرى ھەمىشە ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، نىشانغا يېتىش ئاساسىدا ھەرىكەت قىلدى ۋە قىلىۋاتىدۇ. ھەممە تەرەپنى ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى مۇزاكىرىچى ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىشقا تەشەببۇس قىلمىدى ۋە قىلمايۋاتىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيەتلىرىنى مۇكاپاتلار ئارقىلىق ئەمەس، ئەكسىچە ئەمەلىيەتلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلىدى ۋە ئىسپاتلاۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر