ئۇكرائىنا بىر يېزىنى ئازاد قىلدى

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە روبوتينې يېزىسىنى ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلدى.

2028178
ئۇكرائىنا بىر يېزىنى ئازاد قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا شەرقىي جەنۇبتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە روبوتينې يېزىسىنى رۇسىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيەسىدىن قايتۇرۇۋالغانلىقىنى، خەلقنىڭ ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى كۆز ياشلىرى بىلەن قارشى كۈتۈۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە كېچە (22-ئاۋغۇست) ۋاقىتلىرىدا ئودېسسا رايونىغا قىلغان ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىدا، ئاشلىق ئىسكىلاتلىرى زىيانغا ئۇچرىدى.

ئودېسسا رايونى ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل ئەمەلدار ئولېگ كىپېر، ئۇكرائىنا ھاۋا قالقان سىستېمىلىرىنىڭ ئىراندا ياسالغان توققۇز دانە «شاھىد» ناملىق ئۇچقۇسىنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «ناھايىتى ئەپسۇسكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە يۈكلەش ئەسلىھەلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىدى. 700 كىۋادرات مېتىرلىق بىر جايغا ئوت كەتتى. ئوت كونترول ئاستىغا ئېلىندى، ئەمما ئاشلىق ئىسكىلاتلىرى زىيانغا ئۇچرىدى» دېدى.

ۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي فرونتتا ئىلگىرلىشىنىڭ توختىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. رۇسىيە ئۇكرائىنادا شىددەتلىك ئۇرۇشلارغا سەھنە بولۇۋاتقان كۇپيانسك لىنيەسىدە ھۇجۇمىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى كۇپيانسك رايونىدا پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇشنى قارار قىلدى.

غەرب مەتبۇئاتلىرىدا، رۇسىيەنىڭ سېنتەبىر ئېيىدا ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر ئېلان قىلىنماقتا.

2022-يىلى 24-فېۋرال رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىننىڭ ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش پەرمانىنى چۈشۈرۈشى بىلەن، ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى رەسمىي باشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر