رۇسىيە پايتەختى موسكۋا يەنە ئۇچقۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ پايتەخت موسكۋاغا ئۈچ دانە ئۇچقۇ بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

2028171
رۇسىيە پايتەختى موسكۋا يەنە ئۇچقۇلارنىڭ ھۇجۇمىغا دۇچ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ پايتەخت موسكۋاغا ئۈچ دانە ئۇچقۇ بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، بىر ئۇچقۇنىڭ موسكۋانىڭ مەركىزىدە قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان بىر بىناغا سوقۇلغانلىقىنى، ۋەقەدە بۇزغۇنچىلىق پەيدا بولغانلىقى؛ ئىككى ئۇچقۇنىڭ ھاۋا قالقان سىستېمىلىرى بىلەن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

موسكۋا ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھاۋا تەۋەلىكىنى ئايروپىلان قاتناشلىرىنى توختاتتى.


خەتكۈچ: #ئۇچقۇ , #موسكۋا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر