خىتايدا كان پارتلاپ، 11 ئىشچى ئۆلدى

خىتاينىڭ شىمالىدىكى شەنشى ئۆلكىسىدە بىر كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا  11 ئىشچى ئۆلدى.

2027965
خىتايدا كان پارتلاپ، 11 ئىشچى ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يەنئەن شەھىرىنىڭ يەنچۈەن ناھىيەسىگە قاراشلىق شىنتەي كۆمۈر كېنىدا پارتلاش يۈز بەرگەن.

پارتلاش جەريانىدا، كاندىكى 90 ئىشچىدىن 11 نەپىرى ئۆلگەن.

قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئېغىر يارىلانغان 81 ئىشچىغا دەسلەپكى تىببىي ياردەملەردە بولغان بولسىمۇ، ئۇلاردىن ئىككىسى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغان،  توققۇز ئىشچىنىڭ جەسىتى كاندىن تېپىلغان.

پارتلاش يۈز بەرگەن كاننىڭ 2020-يىلى پائالىيەت باشلىغانلىقى ۋە بۇ كاندىن ھەر يىلى 300 مىڭ توننا كۆمۈر چىقىرىلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتايدا ئۇل- ئەسلىھەلىرى كونا، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يېتەرلىك بولمىغان كانلاردا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تەكشۈرۈشلەر كۈچەيتىلگەن بولۇشىغا قارىماي، بۇ خىل ھادىسىلەر كۆپ يۈز بېرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر