غەربىي ئافرىقا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى نىگېردا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

غەربىي ئافرىقا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى (ECOWAS) نىگېرنىڭ مالى چېگراسىدا يۈز بېرىپ، 17 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلغان تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

2025761
غەربىي ئافرىقا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى نىگېردا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەربىي ئافرىقا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى نىگېرنىڭ مالى چېگراسىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ شىددەت بىلەن ئەيىبلىنىدىغانلىقى، نىگېر خەلقى بىلەن جېنىدىن ئايرىلغان 17 ئەسكەرنىڭ ئائىلىلىرىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرۈلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«غەربىي ئافرىقا ئىقتىسادىي بىرلەشمىسى نىگېردىكى ۋەتەننى قوغداش مىللىي كېڭىشىنى دېموكراتىك ئۇسۇلدا خەلق تەرىپىدىن سايلانغان پىرېزىدېنت مۇھەممەد بازۇمغا قارشى قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەتتىن بۇيان تېخىمۇ يامانلاشقان دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋەزىيىتىگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاساسىي قانۇن تەرتىپىنى قايتا ئورنىتىشقا چاقىرىدۇ.»

نىگېرنىڭ مالى چېگراسىغا جايلاشقان تىللابېرى رايونىدىكى بونى ۋە تورودى ناھىيەلىرى ئارىسىدا كېتىۋاتقان ھەربىي ئاپتوموبىللارغا كىملىكى نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە، 17 ئەسكەر جېنىدىن ئايرىلىپ، 20 ئەسكەر يارىلانغان ئىدى.

نىگېر پىرېزىدېنتى مۇھەممەد بازۇم 26-ئىيۇل (2023) پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مۇھاپىزەت باتالىيونى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە شۇ كۈنى ئاخشىمى ئارمىيە ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مۇھاپىزەت باتالىيونىنىڭ قوماندانى گېنېرال ئابدۇرراھمانې تچيانى 28-ئىيۇل «ۋەتەننى قوغداش مىللىي كېڭىشى» ناملىق ھەربىي ھاكىمىيەتنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ۋە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى بولغان ئىدى.

نىگېردا 9-ئاۋغۇست لامىنې زېيىن باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ بىر كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ھەربىي ۋە پۇقرالاردىن تەشكىل تاپقان 21 كىشىلىك كابېنت ئېلان قىلىندى.

پىرېزىدېنت مۇھەممەد بازۇم 26-ئىيۇلدىن بۇيان شەخسىي تۇرالغۇسىدا نازارەت ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تېلېفون كۆرۈشۈشلىرىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر