زېلېنسكىي زاپورىژيا رايونىدا ھەربىي قىسىملارنى زىيارەت قىلدى

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي زاپورىژيا رايونىدا ئۇكرائىنا ھەربىي قىسىملىرىنى زىيارەت قىلدى.

2025168
زېلېنسكىي زاپورىژيا رايونىدا ھەربىي قىسىملارنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت زېلېنسكىي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، زاپورىژيا رايونىدا ھەربىي ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قىسىملارنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرى ۋە ئېھتىياجلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھەمدە  قوماندانلارنىڭ ئۇرۇشنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك دوكلاتلىرىنى ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ زاپورىژيا رايونىدىكى «ئىلغار ئوپېراتسىيە» بۆلۈمىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە تاۋرىيا يۆنىلىشىدىكى ئەسكەرلەرگە  تېببىي ياردەم بېرىلىدۇ. بۇ بۆلۈمدە ھەر كۈنى 200 گە يېقىن يارىدار داۋالىنىدۇ.»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي زىيارىتى جەريانىدا، ئەسكەرلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەرگەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر