فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا پىرېنەلەر رايونىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 500 گېكتار ئورمان زىيانغا ئۇچرىدى

مەركىزى پىرېنەلەر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن رايوندىكى ساينت ئاندرې، سورېدې ۋە ۋە ئارگېلېس-سۇر-مېر ئولتۇراق رايونلىرىدا باشلانغان ئوت ئاپىتى بۈگۈن ئەتىگەندە ئاران كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان.

2024774
فىرانسىيەنىڭ ئوتتۇرا پىرېنەلەر رايونىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 500 گېكتار ئورمان زىيانغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 650 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمدىن باشقا يەنە، نۇرغۇن ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانىمۇ ئوت ئۆچۈرشكە قاتناشقان بولۇپ، تەخمىنەن 500 گېكتار ئورمان رايونى كۆيۈپ كۈل بولغان.

تۆت لاگېر رايونىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى، ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ئەتراپتىكى ئۈچ مىڭ كىشىنىڭ بىخەتەرلىك جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 20 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش خادىمىنى قوشقاندا، جەمئىي  50 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئوت ۋە ئىس-تۈتەكنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

كونترول ئاستىغا ئېلىنغان ئوت ئاپىتىنى ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن ئوت ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلەرنىڭ سەپەرۋەر قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رايوندىكى كىشىلەرنى ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر