خىتايدىكى كەلكۈندە 29 خىتاي ئۆلۈپ، 16 سى يوقاپ كەتتى

خىتاينىڭ شىمالىدىكى خىبەي ئۆلكىسىدە ئالدىنقى ھەپتە دوكسۇرى تەيفېڭ بورىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە 29 خىتاي ئۆلدى.

2023733
خىتايدىكى كەلكۈندە 29 خىتاي ئۆلۈپ، 16 سى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، كەلكۈن سەۋەبىدىن ئۆلكىدە 40 مىڭ ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، 150 مىڭدىن ئارتۇق ئۆينىڭ توك، ئالاقە ۋە ئۇل- ئەسلىھەلىرى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.

ئۆلكە مەسئۇللىرى كەلكۈندە نوپۇسنىڭ %5 نى تەشكىل قىلىدىغان 3 مىليون 900 مىڭ كىشىنىڭ ئېغىر تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىنى ۋە 29 خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ھەمدە يەنە 16 خىتاينىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

كەلكۈن كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننىڭ 95 مىليارد 800 مىليون يۈەن (13 مىليارد 400 مىليون دوللار) دەپ مۆلچەرلەنگەنلىكىنى، زىيانغا ئۇچرىغان رايونلارنى قايتا قۇرۇپ چىقىش خىزمەتلىرىگە ئىككى يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

پايتەخت بېيجىڭ ۋە تيەنجېن شەھىرىنى ئۆز قوينىغا ئالغان خېبىي ئۆلكىسى 29-ئىيۇلدىن 2-ئاۋغۇستقىچە بولغان مەزگىلدە، خىتاينىڭ شىمالىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن «دوكسۇرى» تەيفېڭ بورىنى ئاپىتىنىڭ ۋە شىددەتلىك يامغۇرنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.


خەتكۈچ: #ئاپەت , #خىتاي

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر