ئېكۋادوردا پىرېزىدېنت نامزاتى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
ئېكۋادوردا 20-ئاۋغۇست ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سايلامدىن ئىلگىرى «چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش» بىلەن تونۇلغان پىرېزىدېنتلىق نامزاتى فېرناندو ۋىللاۋىچېنسىيو قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ جېنىدىن ئايرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېكۋادوردا پىرېزىدنېت نامزاتى ۋىللاۋىچېنسىيو پايتەخت كىتودا قاتناشقان بىر پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئاپتوموبىلىغا ئولتۇرۇۋېلىۋاتقاندا، بېشىغا ئۈچ پاي ئوق تېگىپ جېنىدىن ئايرىلدى.
ئېكۋادورنىڭ باش تەپتىشى ھۇجۇمچىنىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن ئېتىشىشتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى؛ ئېتىشىشتا بىر پارلامېنت ئەزاسى نامزاتى ۋە ئىككى ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئېكۋادور پىرېزىدېنتى گىلېرمو لاسسو ۋىللاۋىچېنسىيونىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى دەلىللەپ، پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئىككى ھەپتە قالغاندا سادىر قىلىنغان بۇ قاتىللىقنىڭ ئارقىسىدا «تەشكىللىك جىنايەت» نىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
لاسسو مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە كېپىللىك بېرىمەنكى، بۇ جىنايەت جازالاندۇرۇلىدۇ. تەشكىللىك جىنايەت گۇرۇپپىلىرى ھەددىدىن ئېشىپ كەتتى، ئەمما ئۇلار قانۇننىڭ قاتتىقلىقىنى ھېس قىلىدۇ» دېدى.
ئېكۋادور ساقچىلىرىنىڭ ھەرىكەتلىرىدە ۋەقەگە چېتىشلىق دەپ قارالغان ئالتە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شولز نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن تېلېفونلاشتى.