مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرىيەدە دائېشقا زەربە بەردى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى — MIT سۈرىيەنىڭ شىمالىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ۋەقە پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئۈچ دائېش تېررورچىسىنى قولغا چۈشۈردى.

2022907
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى سۈرىيەدە دائېشقا زەربە بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىخەتەرلىك مەنبەلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى سېپىدە <مەسئۇل> دەرىجىسىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان تەشكىلات ئۇنسۇرلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسىنىڭ تەكشۈرۈشلىرى نەتىجىسىدە بايقالغان.

مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىستىخبارات ۋە ھەرىكەت ياردىمىگە ئېرىشكەن سۈرىيە مىللىي ئارمىيەسى بىخەتەرلىك خادىملىرى تىنچلىق بۇلىقى ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ۋەقە پەيدا قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان دائېش ئەزاسى ئۈچ تېررورچىنى نۇرغۇن پارتلاتقۇچ دورا ۋە ئوق دورا  بىلەن بىرلىكتە قولغا چۈشۈرگەن.

بىخەتەرلىك مەنبەلىرى مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سۈرىيە ۋە باشقا رايونلاردىكى تېررورلۇق گۇرۇپپىلىرىغا قارشى كۈرىشىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى دائېش، ئەلقائىدە ۋە پ ك ك قاتارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى پەرقلەندۈرۈپ ئولتۇرماستىن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر