ئىران ئامېرىكادىن ئىنتىقام ئېلىش قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى

ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىران نېفىت پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلغان تەقدىردە، تېھراننىڭ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2021681
ئىران ئامېرىكادىن ئىنتىقام ئېلىش قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى باياناتچىسى، بىرىگادا گېنېرالى رامىزان شەرىفنىڭ قۇم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ: «ئىران ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پاراخوتلىرىمىزنى مۇسادىرە قىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق شەيتانلارچە قىلمىشلىرىدىن ئۆچ ئالىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلىش قۇدرىتىگگە ئىگە» دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گېنرال رامىزان شەرىف ئامېرىكانىڭ ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا ئۆزى يولغا قويغان بىر تەرەپلىمە جازالار سەۋەبىدىن، پات - پاتلا خام نېفىت توشۇۋاتقان ئىران پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، پاراخوتلاردىكى نېفىتنى كىمئارتۇق قىلىپ ساتىدۇ. ئىرانمۇ بۇنىڭدىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن، پارس قولتۇقى ئەتراپىدىكى نېفىت پاراخوتلىرىغا «دېڭىز قائىدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ ئارىلىشىدۇ.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرى 3 – ئاۋغۇست ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى — پېنتاگوننىڭ «ئىراننىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوتلارغا قوراللىق ماتروس ۋە دېڭىز ئارمىيەسى ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى»نى خەۋەر قىلغان؛ مەزكۇر خەۋەردىن كېيىن، ئىران ئىنقىلابى مۇھاپىزەتچىلىرى دېڭىز ئارمىيەسى قورال ئامبىرىغا مەنزىلى 300 كىلومېتىر بىلەن 1000 كىلومېتىرغىچە بولغان ھەر خىل تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ سەپلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزى قوماندانلىق ئىشتابى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، تەخمىنەن 3000 ئەسكەردىن تەركىب تاپقان 26- دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى ئەسكىرىنىڭ 6- ئاۋغۇست ئوتتۇرا شەرققە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر