ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيەدىن تېخىمۇ كۆپ قورال - ياراغ تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيەدىن ئوق- دورا كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

2020369
ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ شىمالىي كورېيەدىن تېخىمۇ كۆپ قورال - ياراغ تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقە ماسلاشتۇرغۇچىسى جون كىربى، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ 26- ئىيۇلدىكى شىمالىي كورېيە زىيارىتى جەريانىدا شىمالىي كورېيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پيوڭياڭدىن دۆلىتى 2022- يىلى 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان ئوق- دورا بىلەن تەمىنلەش مىقدارىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

شويگۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇچرىشىشىغا «پۇتىننىڭ ئۇرۇش ماشىنىسى جازا ۋە ئېكسپورت كونتروللۇقىنىڭ قانچىلىك ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ بىر مىسالى» دەپ باھا بەرگەن كىربى، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانى بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن، ئىران، شىمالىي كورېيە ۋە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدكى ۋەكىللەر ئۆمىكى 26- ئىيۇل شىمالىي كورېيەگە بېرىپ، كورېيە ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن پانمونجوم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 29- ئىيۇل بايانات بېرىپ، شويگۇنىڭ شىمالىي كورېيەگە قورال- ياراغ سېتىۋېلىش ئۈچۈن بارغان بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر