خېبىي ئۆلكىسىدە 1.2 مىليون كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
خىتاينىڭ شىمالىغا جايلاشقان خېبىي ئۆلكىسىدە كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن 1.2 مىليون كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خېبىي ئۆلكىسىدە ئاپەت رايونلىرىدا ياشايدىغان 850 مىڭ كىشىنى قوشقاندا، جەمئىي 1.2 مىليون كىشى بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلدى.
خېبىي جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى بېيجىڭ بىلەن تيەنجېنگە بولغان بېسىمنى ئازايتىش ئۈچۈن 1.8 مىليار كۇبمېتىر سۇنىڭ سۇ توپلاش مەركەزلىرىگە ئاققۇزۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتايدا 1997-يىلى چىقىرىلغان سەل كونترول قىلىش قانۇنى بويىچە تەسىس قىلىنغان دۆلەت مىقياسىدىكى 98 سۇ يىغىش كۆلىنىڭ 13 ى خېبىي ئۆلكىسىدە.
سېرىق دەريا (خۇاڭخې) نىڭ نۇرغۇن تارماقلىرى خېبىي ئۆلكىسىدە بىرلىشىدۇ. سۇ يىغىش نۇقتىلىرىنىڭ ئەتراپلىرىدا ناھىيە، يېزا ۋە بازارلار جايلاشقان بولۇپ، نۇرغۇنلىرى سۇ ئاستىدا قالدى.
مۇتەخەسسىسلەر، شىددەتلىك ھۆل-يىغىن ئازايغان بولسىمۇ، يىغىلغان كەلكۈن سۇلىرىنى تارتىش ئىشلىرىنىڭ بىر ئايغىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بېيجىڭ ۋە ئەتراپى يېقىنقى بىر ھەپتىدە 140 يىلدىن بۇيانقى شىددەتلىك ھۆل-يىغىنغا دۇچ كەلدى. يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە بېيجىڭدا 11، خېبىيدا توققۇز كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىرېلاندىيەمۇ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى
ئىسپانىيە ۋە نورۋېگىيەدىن كېيىن، ئىرېلاندىيەمۇ پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.
ئىسپانىيە پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلدى
ئىسپانىيە ۋەزىرلەر كېڭىشى پەلەستىن دۆلىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلىش قارارنامەسىنى ماقۇللىدى.