ئىسپانىيەدە سۇ قىسلىقى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

ئىسپانىيەنىڭ كاتالونىيە رايونىدىكى 24 يېزادا قۇرغاقچىلىقنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

2019699
ئىسپانىيەدە سۇ قىسلىقى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەدە جىددىي ھالەت دائىرىسىدە، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان سۇنىڭ %80  ۋە سانائەتتە ئىشلىتىىدىغان سۈنىڭ %25 ئازايتىلىدىغانلىقى، سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىنى تولدۇرۇشتىن باشقا يەنە، باغچىلارنى سۇغىرىشنىڭمۇ چەكلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

كاتالونىيە سۇ ئىشلىرى ئىدارىسى مۇدىرى سامۇئېل رېيېس جىددىي ھالەت دائىرىسدە يولغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ دېھقانچىلىق ۋە سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان سۇ ئۈچۈنمۇ يولغا قويىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئىچىدىغان ​​سۇغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا، كاتالونىيەدىكى ئومۇمىي نوپۇسى 26 مىڭغا يېتىدىغان 24 يېزىغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدىغان تەدبىرلەرنىڭ كېلەر ھەپتىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

چەكلىمە قويۇلىدىغان يېزىلاردا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مىقدارى كۈنىگە 230 لېتىردىن 200 لېتىرغا چۈشۈرۈلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر