ئىران تالىباننىڭ سۇنى تىزگىنلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

ئىران مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى باشلىقى ئەلى سەلاجەقە ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا قويۇپ بېرىشى كېرەك بولغان 850 مىليون لىتىر سۇنىڭ ھازىرغىچە ناھايىتى ئاز بىر قىسمىنىلا قويۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2019647
ئىران تالىباننىڭ سۇنى تىزگىنلەش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئوقۇغۇچىلار خەۋەر ئاگېنتلىقى — ئىسنا، سەلاجەقەنىڭ ئىچكى كابىنېت يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئىراننىڭ سۇ ھوقۇقىدىن تولۇق پايدىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ: «گەرچە ئافغانىستاننى باشقۇرۇۋاتقانلار ھەرىرۇد سۇ قويۇپ بېرىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېغىز ئېچىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە 850 مىليون لىتىر سۇنىڭ ئورنىغا پەقەت 15 مىليون لىتىر سۇ قويۇپ بېرىلدى دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ مەسىلە توغرىسىدا يىغىن ئېچىش چاقىرىقلىرىنىڭ جاۋابسىز قېلىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغان سەلاجەقە، ئافغانىستاندىكى توسمىلارنىڭ سۇ بىرىكىش نىسبىتىنىڭ ياخشى سەۋىيەدە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ، تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرانغا كامال خان توسمىسى ۋە ھەرىرۇد دەرياسىدىن سۇ قويۇپ بېرىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر