رۇسىيە مانېۋىر باشلىدى
رۇسىيە بالتىق دېڭىزىدا «2023-ئوكيان قالقىنى» ناملىق ھەربىي مانېۋىر باشلىدى.
2019411
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بالتىق دېڭىزىدا ھەربىي مانېۋىر باشلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، رۇسىيە ھەربىي پاراىوتلىرىنىڭ بالتىق دېڭىزىدا مانېۋىر باشلىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، مۇنداق دېيىلدى:
«بۇ قېتىمقى مانېۋىرغا 30 دىن ئارتۇق ھەربىي پاراخوت، 20 دانە ياردەم پاراخوتى، 30 دانە ھەربىي ئايروپىلان ۋە تەخمىنەن 6 مىڭ ئەسكەر قاتناشتى. مانېۋىردا، دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتلىرىنى ھەربىي ھەرىكەت نۇقتىسىدىن مۇھىم رايوندا قوغداشقا تەييار ياكى تەييار ئەمەسلىكى كۆزىتىلىدۇ.»
باياناتتا، مانېۋىرنىڭ قاچان ئاىىرلىشىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىلمىدى.