تۇنىستا ناۋايلار نان يېقىشنى توختىتىدىغان بولدى
تۇنىستا تەخمىنەن 1500 ناۋايخانا بۈگۈن (2023-يىلى 1-ئاۋغۇست) دىن باشلاپ نان يېقىشنى توختىتىدىغان بولدى.
![تۇنىستا ناۋايلار نان يېقىشنى توختىتىدىغان بولدى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/d849/ae49/28ee/64c8a742e1c2a.jpg?time=1719138224)
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۇنىس دۆلەتلىك ئورگانلار بىرلەشمىسى «CONNECT» ناۋايخانىلارنىڭ نان يېقىشنى توختىتىدىغانلىقى توغرىسىدا فەيسبۇك سەھىپىسىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، بىرلەشمىگە ئەزا ناۋايلارنىڭ يىغىنىدا سانى 1500 ئەتراپىدىكى بىرلەشمىگە ئەزا ناۋايخانىلاردا بۈگۈندىن باشلاپ نان يېقىشنى توختىتىش قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، نان يېقىشنى توختىتىش قارارىنىڭ سەۋەبى ۋە مۇددىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى. تۇنىس دائىرىلىرىمۇ بۇ قارار توغرىسىدا تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلمىدى.
تۇنىستا يېقىندىن بۇيان نان يېقىش كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن بولۇپ، نان يېتىشمەسلىك سەۋەبىدىن ناۋايخانىلارنىڭ ئالدىدا ئۇزۇن ئۆچرەتلەر شەكىللەنمەكتە ئىدى.
تۇنىستىكى ناۋايخانىلارنىڭ نان يېقىشنى چىقىرىشنى توختىتىش قارارى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719138224)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.