ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى 18- ئاۋغۇست يىغىن چاقىرىپ، شىمالىي كورېيە پەيدا قىلغان تەھدىت ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھىندى تىنچ ئوكياندىكى ھەمكارلىقىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

2017626
ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورېيە ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى كارىن ژان پيېر يازما بايانات ئېلان قىلىپ، بايدېننىڭ 18- ئاۋغۇست ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى «كەمپ دېيۋىد»تە ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئو ۋە جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى يون سۇك يېئولنى كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بايدىن، يون ۋە فۇمىئونىڭ ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا، ئۈچ تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى «يېڭى دەۋر»نى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ژان پيېر، رەھبەرلەرنىڭ شىمالىي كورېيە پەيدا قىلغان تەھدىت بىلەن بىرلىكتە،  مالايسىيا، فىلىپپىن، تايلاند، ھىندونېزىيە ۋە سىنگاپۇر قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ھىندى تىنچ ئوكيان بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ھەمكارلىق ساھەلىرىدىكى مەسىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا باياناتچىسى يەنە: «باشلىقلار يىغىنى يەر شارى ۋە رايونغا ئالاقىدار بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش، قائىدە – پىرىنسىپنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ئاسراشقا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىشنى قوللاش ئۈچۈن، ئۈچ تەرەپ ئورتاق تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر