شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى: بىرىگادا گېنېرالى مىرزەنى پ ك ك ئۆلتۈردى

ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە دوھۇكتا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشقا قازا قىلغان بىرىگادا كوماندىرى گېنېرال مۇھەممەد مىرزەنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى — پ ك ك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

2017624
شىمالىي ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى: بىرىگادا گېنېرالى مىرزەنى پ ك ك ئۆلتۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەىرى: ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك كېڭىشى 23-ئىيۇل دۇھوكنىڭ زاخو ناھىيەسىدە ئاپتوموبىلى پارتلاپ ھاياتىدىن ئايرىلغان بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ پېنسىيەگە چىققان ئەزاسى بىرىگادا كوماندىرى گېنېرال مىرزېنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ۋەقەنىڭ تەپسىلىي تەكشۈرۈلگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان ۋە ۋەقەنىڭ كۆرۈنۈشلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن سىن كۆرۈنۈشلۈك باياناتتا، پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ مىرزەنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان بومبىنى تىزگىنەك ئارقىلىق پارتلاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتى بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىنىڭ بارلىقىدىن خەۋەر تىپىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر