دانىيەدە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشى قايتا سادىر قىلىندى
دانىيەدە ئاشقۇن ئوڭ قانات گۇرۇپپا ئەزالىرى پايتەخت كوپېنھاگېندىكى بىر جامەنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى.
![دانىيەدە قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشى قايتا سادىر قىلىندى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/af1a/ce01/be57/5f59dd00a267d.jpg?time=1719154370)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيەدىكى ئىسلامغا قارشى ئاشقۇن مىللەتچى «دانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى» ناملىق گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى تۈنۈگۈن جۈمە نامىزىنىڭ تۈگىشى بىلەن تەڭ دورتېۋېج رايونىدىكى ئىسلام جەمئىيىتى جامەسىنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈردى.
ئىسلامغا قارشى لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈۋالغان، ياڭراتقۇ ئارقىلىق ئىسلامغا ھاقارەت قىلغان گۇرۇپپا، قۇتراتقۇلىقىنى ساقچىلارنىڭ كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا ئەمەلىيلەشتۈردى.
بۇ جەرياندا، جامەنىڭ ياڭراتقۇلىرى سىرتقا ئېچىلىپ، قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىندى.
يېقىندىن بۇيان شىۋىتسىيە بىلەن دانىيەدە قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى ئېغىرلاشماقتا، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىل ئىغۋاگەرچىلىكلەرگە يول قويۇشى نارازىلىق پەيدا قىلماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
![لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ](http://cdn.trt.net.tr/images/medium/rectangle/3cc3/db28/e5e7/571459f87d3d8.jpg?time=1719154371)
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.