سەئۇدى ئەرەبىستان دانىيەگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

سەئۇدى ئەرەبىستان كوپېنھاگېندا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن دانىيەنىڭ رىيادتا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى.

2017429
سەئۇدى ئەرەبىستان دانىيەگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، دانىيەدىكى رادىكال بىر گۇرۇپپىنىڭ قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش، ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئىرقچى شوئارلارنى توۋلاش قاتارلىق قىلمشىلىرىنىڭ ئىلگىرىمۇ ئەيىبلەنگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا، مەزكۇر قىلمىشلار سەۋەبىدىن دانىيەنىڭ رىيادتا تۇرۇشلۇق دىپلوماتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرىلىپ ئۇلتىماتوم تاپشۇرۇلغانلىقى، دانىيەدىن خەلقئارا قائىدە – قانۇنلارغا، دىنىي تەلىماتلارغا ماس كەلمەيدىغان بۇ خىل قەبىھ قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنىڭ تەلەپ قىلىنغانلىقى تەكىتلەندى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا: «سەئۇدى ئەرەبىستان دىنلار ئارىسىدا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدىغان بۇ خىل قىلمىشلارنى قەتئىي رەت قىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

دانىيەدىكى ئىسلامغا قارشى ئاشقۇن مىللەتچى «دانىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى» ناملىق گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنىدى.

ئىسلامغا قارشى لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ئىسلامنى ھاقارەتلەيدىغان شوئارلارنى توۋلىغان مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى، 21-ئىيۇل ئىراق، 24- ئىيۇل ئىران ۋە ئىراق، 25- ئىيۇل مىسىر ۋە تۈركىيەنىڭ كوپېنھاگېندىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر