ئىسرائىلىيەدە 830 نەپەر ئارمىيە خادىمى ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىستىپا بەردى
ئىسرائىلىيەدە 830 نەپەر ئارمىيە خادىمى مەملىكەت مىقياسىدىكى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ۋە كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىغان ئەدلىيە ئىسلاھاتىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىستىپا بېرىشنى قارار قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيە ئاممىۋى تارقىتىش تەشكىلاتى (KAN) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسىدىن 260 تىن ئارتۇق ئۇچقۇچىىنى قوشقاندا جەمئىي 830 غا يېقىن ئەسكەر ۋەزىپىسىنى تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى رادىئوسىدا ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئارمىيە باياناتچىسى ئەسكەرلەرنىڭ خىزمەت قىلىشنى رەت قىلىشى ئارمىيەنىڭ ئۈنۈمىگە تەھدىت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئىسرائىلىيە ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ھېرزى ھالېۋى ھۆكۈمەتنىڭ تالاش-تارتىشلىق ئەدلىيە بەلگىلىمىلىرىگە نارازلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھەربىي خىزمىتىنى تاشلىغان ئەسكەرلەرگە خىتابەن ھەمبەھىرلىگەن ئوچۇق خېتىدە، «ئەگەر كۈچلۈك ۋە بىر پۈتۈن ئارمىيە بولمىسا، ئەگەر ئەڭ ياخشى تاللاش ئارمىيەگە خىزمەت قىلىش بولمىسا، بىز بۇ رايوندا بىر دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايمىز» دېگەن ئىدى.