ۋاڭ يى: تۈركىيەنىڭ رايون ۋە خەلقئارادا ئوينايدىغان رولىنى قوللايمىز

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، دۆلىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايون ۋە خەلقئارا سەھنىدە مۇھىم رول ئوينىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2016838
ۋاڭ يى: تۈركىيەنىڭ رايون ۋە خەلقئارادا ئوينايدىغان رولىنى قوللايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۈنۈگۈنكى تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا مىنىستىر خاقان فىدان بىلەن كۆرۈشكەن ۋاڭ، خىتاينىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆزئارا ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچ ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋاڭ فىدان بىلەن كۆرۈشكەندە: «خىتاي تۈركىيەنىڭ رايون ۋە خەلقئارا سەھنىدە مۇھىم رول ئوينىشىنى قوللايدۇ ۋە ھەر قانداق چەت ئەل كۈچلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرىدۇ» دېگەن.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار ئىقتىسادى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى دۆلەتنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئورتاق مەنپەئەتلەر ۋە زور يوشۇرۇن ھەمكارلىق ئورنىتىش كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ يەنە، خىتاي بىلەن تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «خىتاي تۈركىيەدىن تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا يەرلىك پۇللارنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قوللاشنى شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ خىتاي شىركىتىنى تۈركىيەدە شىركەت قۇرۇپ، مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشنى خالايدۇ» دېگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر