شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ بۈگۈن كېچە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2015659
شىمالىي كورېيە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناقلىرى داۋاملاشماقتا؛ جەنۇبىي كورېيە باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ بۈگۈن كېچە شەرقىي دېڭىز قىرغىقىدىن قويۇپ بەرگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى تەرىپىدىنمۇ جەزملەشتۈرۈلدى. شىمالىي كورېيەنىڭ بومبا قويۇپ بېرىشى ئامېرىكا يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتى «USS Annapolis» نىڭ تۈنۈگۈن جەنۇبىي كورېيەنىڭ جېجۇ ئارىلىدىكى بىر پورتقا لەڭگەر تاشلىغانلىقى بىلدۈرۈلگەندىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى.

شىمالىي كورېيە 17- ئىيۇلدىمۇ ئامېرىكانىڭ يادرو باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇ ئاستى پاراخوتى 1980 – يىللىرىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم جەنۇبىي كورېيەدە لەڭگەر تاشلاپ بىر كۈندىن كېيىن، ياپونىيە دېڭىزىغا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر