كانادادىكى كەلكۈندە تۆت كىشى يوقاپ كەتتى

كانادانىڭ نوۋا سكوتيا ئۆلكىسىدە شىددەتلىك يامغۇر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە، ئىككى كىچىك بالىنى قوشقاندا تۆت كىشى يوقاپ كەتتى.

2015777
كانادادىكى كەلكۈندە تۆت كىشى يوقاپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: ب ب س (BBC) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادانىڭ بەزى جايلىرىدا نورمالدا ئۈچ ئايدا ياغىدىغان يامغۇر 24 سائەت ئىچىدە ياغقان.

نوۋا سكوتيا ئۆلكىسىدە شىددەتلىك يامغۇر نەتىجىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈندە، ئىككى بالىنى قوشقاندا جەمئىي تۆت كىشى يوقاپ كەتكەن.

ئۆلكە ۋالىيسى تىم خيۇستون ئاز دېگەندە يەتتە كۆۋرۈكنى رېمونت قىلىش ياكى قايتا ياساشقا توغرا كېلىدىغان ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

80 مىڭدىن ئارتۇق كىشى توك ئۈزۈلۈپ قىلىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئۆلكىنىڭ بەزى جايلىرىدا جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو ھۆكۈمەتنىڭ بۇ جەرياندا ئۆلكىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

كانادا مېتېرولوگىيە ئىدارىسى ئۆلكىنىڭ شەرقىي رايونىدا 30-ئىيۇلغىچە شىددەتلىك يامغۇر ياغىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر