قىرىمدا بىر ئوق-دورا ئىسكىلاتى پارتلىدى

رۇسىيەنىڭ قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغان قىرىمغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، بىر ئوق-دورا ئىسكىلاتى پارتىلىتىۋېتىلدى، 11 ئۇچقۇ ئېتىپ چۈشۈرۈلدى.

2015267
قىرىمدا بىر ئوق-دورا ئىسكىلاتى پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاتالمىش قىرىم ۋالىيسى سېرگېي ئاكسېنوۋ تۋىتتېردا بايانات ئېلان قىلىپ، رايونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 11 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ بىر دانە ئۇچقۇنىڭ جانكۆيدىكى ئوق-دورا ئىسكىلاتىنى پارتلىتىۋەتكەنلىكىنى، بىر ئۆينىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە، ھۇجۇم يۈز بەرگەن رايوننىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭ باشقا جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر