ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيەگە مىسكەت بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيەنىڭ بېلگورود رايونى ۋالىيسى ۋىياچېسلاۋ گلادكوف ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رايونغا مىسكەت بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
2014783
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: گلادكوۋ يازما باياناتىدا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بېلگورود رايونىغا قارىتا تۈرلۈك ھۇجۇملارنى قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
گلادكوۋ ئۇكرائىنانىڭ ھۇجۇمدا مىسكەت بومبا ئىشلەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 21-ئىيۇل رايونىمىزنىڭ جوراۋلىيېۋكا يېزىسىغا كۆپ خىل راكېتامىيوت قويۇپ بېرىش سىستېمىسى بىلەن ھۇجۇم قىلدى، 21 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 3 مىسكەت بومبا ئاتتى» دېدى.
گلادكوۋ بېلگورودنىڭ باشقا يېزىلىرىغىمۇ ھەر خىل ھۇجۇملارنىڭ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ھۇجۇمدائادەم ئۆلۈش ۋە يارلىنىش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.