گىرېتسىيە مەرىچ دەرياسى قىرغىقىغا قوشۇمچە رېشاتكا ئورنىتىشنى باشلىدى

گىرېتسىيە تەرتىپسزى كۆچمەنلەرنىڭ چېگرادىن قانۇنسىز ئۆتۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەرىچ دەرياسى قىرغىقىغا 35 كىلومېتىرلىق قوشۇمچە سىم چىت ياساشنى باشلىدى.

2014612
گىرېتسىيە مەرىچ دەرياسى قىرغىقىغا قوشۇمچە رېشاتكا ئورنىتىشنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئىككى شىركەت بىلەن ئىمزالانغان توختامغا ئاساسەن، مەرىچ دەرياسى قىرغىقىغا سىم چىت ياساش قۇرۇلۇشى باشلانغان.

تۈركىيە چېگراسىغا يېقىن يەرگە جايلاشقان دىمېتوكا ۋە سوفۇلۇ بازارلىرى ئارىلىقىغا ئېگىزلىكى بەش مېتىر كېلىدىغان 35 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا قوشۇمچە سىم چىت ياسىلىدىكەن.

يېڭى چىت بىلەن بىرلىكتە رايونغا سېلىنىدىغان قوشۇمچە قۇرۇلۇشلار ۋە رېمونت قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ئومۇمىي خىراجىتى تەخمىنەن 100 مىليون ياۋروغا يېتىدىكەن.

گىرېتسىيە تەرىپىدە بىرى 12.5 كىلومېتىر، يەنە بىرى 26.5 كىلومېتىر بولۇپ، جەمئىي 39 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئىككى سىم چىت بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر