ئەنگلىيەدە «قانۇنسىز كۆچمەنلەر قانۇن لايىھىسى» پارلامېنتتا قوبۇل قىلىندى

ئەنگلىيەدە ھۆكۈمەتنىڭ مانس دەرياسى ئارقىلىق كاتېر ياكى كېمىلەر بىلەن چېگرادىن كىرىدىغان  قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 7-مارتتا ئېلان قىلىنغان تالاش-تارتىشلىق «قانۇنسىز كۆچمەنلەر قانۇن لايىھەسى» پارلامېنتتا قوبۇل قىلىندى.

2013114
ئەنگلىيەدە «قانۇنسىز كۆچمەنلەر قانۇن لايىھىسى» پارلامېنتتا قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدە قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ ئەدلىيە تەكشۈرۈشى بولمايمۇ 28 كۈن ئىچىدە ئۆز دۆلەتلىرىگە ياكى رىۋاندا قاتارلىق <بىخەتەر> دەپ قارالغان ئۈچىنچى دۆلەتكە قوغلاپ چىقىرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ قانۇن لايىھەسى پارلامېنت تەرىپىدىن تەستىقلاندى.

قانۇنسىز كۆچمەنلەر پاناھلىق تىلەش ۋە قانۇنىي ھەق - ھوقۇق تەلەپلىرىنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن سۇنالايدۇ. قانۇن لايىھەسى پادىشاھلىق تەرىپىدىن تەستىقلانغاندىن كېيىن قانۇنغا ئايلىنىدۇ.

بۇ قانۇن لايىھەسى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، ئادۋوكاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئىنسانىيلىققا زىت» ۋە «زالىملارچە» دەپ تەنقىد قىلىنماقتا ئىدى.

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ قانۇن لايىھەسى راملكىسىدا رىۋاندا بىلەنمۇ كېلىشىم ئىمزالىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر