گىرېتسىيە ئامېرىكادىن دېڭىز قىرغىقى ئۇرۇش پاراخوتى سېتىۋېلىشنى پىلانلىماقتا

گىرېتسىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن 4 دانە «ئەركىنلىك» ناملىق دېڭىز قىرغىقى ئۇرۇش پاراخوتى سېتىۋېلىشنى پىلانلىماقتا.

2012627
گىرېتسىيە ئامېرىكادىن دېڭىز قىرغىقى ئۇرۇش پاراخوتى سېتىۋېلىشنى پىلانلىماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، گىرېتسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ئىككىنچى قول بازىرىنى تەتقىق قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدىن 4 دانە «ئەركىنلىك» ناملىق دېڭىز قىرغىقى ئۇرۇش پاراخوتى سېتىۋېلىشنى پىلانلىغان.

گىرېتسىيە يەنە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «FFG 62» ناملىق قوغدىنىش پىروگراممىسىغا قاتنىشىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، زەمبىرەك ۋە ئاپتومات قاتارلىق كۈچلۈك قورال سىستېمىلىرى سەپلەنگەن «ئەركىنلىك» ناملىق دېڭىز قىرغىقى ئۇرۇش پاراخوتلىرى  بولۇپمۇ خارپون باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە رام يېقىن ھاۋا مۇداپىئەسى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى قاتارلىق زامانىۋى قورال – ياراغلارغا ئىگە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر