ئامېرىكادىكى بەزى شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر 15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي بىرلىك كۈنىنى ئېتىراپ قىلدى
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھەرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن مارىلاند ئىشتاتىنىڭ بالتىمور شەھەرلىك ھۆكۈمىتى بۆسۈش خاراكتېرلىك قارار ماقۇللاپ، 15- ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە - ئامېرىكا يېتەكلەش كومىتېتى بايانات ئېلان قىلىپ، كومىتېتنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن ۋاشىنگتون شەھەر باشلىقى مۇرىئېل بوۋسېرنىڭ 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
باياناتتا، شەھەر باشلىقى بوۋسېرنىڭ ھۆججەت ماقۇللاپ، 7 – خاتىرە يىلىدا 15- ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا بوۋسېرنىڭ: «دېموكراتىيە ئۈچۈن ھاياتىدىن ئايرىلغان باتۇر كىشىلەرنى مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمەن» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، مارىلاند ئىشتاتىنىڭ بالتىمور شەھەرلىك ھۆكۈمىتىمۇ 15- ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلدى.
ھۆكۈمەتنىڭ ئېتىراپ قىلىش خىتابنامىسىدە: «بىز تۈركىيە خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش روھىغا، باتۇرلۇقىغا ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىغا يۇقىرى باھا بېرىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.