قاتار بىلەن پاكىستان دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاق كۈنىنى تەبرىكلىدى

قاتار ۋە پاكىستان ئەمەلدارلىرى 15 - ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى.

2011757
قاتار بىلەن پاكىستان دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاق كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى — QNA، ئەمىر تەمىمنىڭ 2016- يىلى 15 – ئىيۇل كۈنى مەيدانغا كېلىپ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان  ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ 7 – خاتىرە يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېگرامما يوللاپ، دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنىنى تەبرىكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

قاتار باش مىنىستىرى، قوشۇمچە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇرراھمان بىن جاسىم ئال سانىمۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللاپ، «15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى»نى تەبرىكلىدى.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىفمۇ تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا تۈركچە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «پاكىستان بۈگۈن دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنىنىڭ يەتتىنچى خاتىرە يىلىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدە قېرىنداش تۈركىيە خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن بىرگە تۇرماقتا» دېدى.

قەھرىمان تۈرك خەلقىنىڭ يۈكسەك پىداكارلىقىنى ئەسلەپ ئۆتكەن شەرىف، ئۇچۇرىدا: «بىز خەلقنى دېموكراتىيە ۋە ئاساسىي ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىغا باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەن شېھىتلىرىمىزنى ھۆرمەت ۋە مىننەتدارلىق بىلەن خاتىرىلەيمىز. 2016- يىلىدىكى بۇ تارىخىي ۋە بۆسۈش خاراكتېرلىك كۈن قېرىندىشىم جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ھاياتىي كۈچىگە تولغان تەۋرەنمەس رەھبەرلىكىگە بولغان چوڭقۇر ئىشەنچكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇ كۈن، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق، قېرىنداشلىق ۋە چوڭقۇر رىشتىلەرنىڭ كۈچى سايىسىدا ھەر قانداق خىرىس ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر