ئامېرىكا سۈرىيەدىكى بازىلىرىغا ھەربىي ۋە ئارقا سەپ ياردىمى ئەترىتى يوللىدى

ئامېرىكا ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ھاسەكە ۋىلايىتىگە جايلاشقان بازىلىرىغا تەخمىنەن 100 ئاپتوموبىلدىن تەركىب تاپقان ھەربىي ۋە ئارقا سەپ ياردىمى ئەترىتى ئەۋەتتى.

2010820
ئامېرىكا سۈرىيەدىكى بازىلىرىغا ھەربىي ۋە ئارقا سەپ ياردىمى ئەترىتى يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئارمىيەسىگە تەۋە ئىككى ئاپتوموبىل ئەترىتى تۈنۈگۈن ئىراق بىلەن سۈرىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئەل ۋەلىد چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق ھاسەكەگە كىرگەن.

تەخمىنەن 100 ئاپتوموبىلدىن تەركىب تاپقان ئىككى ئەترەت ھاسەكە يېزىلىرىدىكى بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەددادى، رۇمەيلان ۋە تېل بەيدەر قاتارلىق جايلاردىكى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بازىسىغا يېتىپ بارغان.

تىك ئۇچارلار ھاۋادىن قوغداپ ماڭغان ئاپتوموبىل ئەترىتىدە بىرونېۋىكلەر، ماي ئاپتوموبىللىرى ۋە نۇرغۇنلىغان ئوق-دورا قاچىلانغان ئاپتوموبىللار ئورۇن ئالغان.

ئامېرىكا ئارمىيەسى 6-، 8- ۋە 22– يانۋاردا شۇنداقلا 19-ۋە 20-ئىيۇندا ھاسەكە يېزىلىرىدىكى بۆلگۈنچى تېرورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى رۇمەيلان، شەددادى ۋە تېل بەيدەر ئولتۇراق رايونلىرىدىكى ھەربىي بازىلىرىغا ياردەم يوللىغان ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر