ئەلىيېۋ، پاشىنيان ۋە مېشىل بىريۇسسېلدا ئۈچ تەرەپ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ

ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى رەئىسى چارلېز مىشېل بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2010878
ئەلىيېۋ، پاشىنيان ۋە مېشىل بىريۇسسېلدا ئۈچ تەرەپ سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدا سۆز قىلغان پاشىنيان، 15- ئىيۇل بىريۇسسېلدا ئەلىيېۋ ۋە مىشېل بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى، يىغىندا ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا ئىمزالىنىدىغان تىنچلىق كېلىشىمى سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەلىيېۋ، پاشىنيان ۋە مىشېل 14- ماي بىريۇسسېلدا ئۈچ تەرەپ يىغىنى ئۆتكۈزگەن ۋە مولداۋىيەدە چاقىرىلغان ياۋروپا سىياسىي گەۋدىسى باشلىقلار يىغىنى دائىرىسدە 1 - ئىيۇن فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون ۋە گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولزنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بەش تەرەپلىك سۆھبەت يىغىنى ئاچقانىدى.

مىشېل تىنچلىق كېلىشىمى، قاتناش، بىخەتەرلىك ۋە چېگرا ئايرىش خىزمەتلىرى قاتارلىق بارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە رەھبەرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان كېلەر قېتىملىق يىغىننىڭ 7- ئايدا بىريۇسسېلدا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر