بايدىن ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

2010615
بايدىن ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن شىۋېيتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتونىڭ ئەزالىقىغا قوبۇل قىلىنىشى مەسىلىسىدە تۈركىيە بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

بايدىن  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، لىتۋانىيەنىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا چاقىرىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشى ھەققىدە سىنلىق ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ناتوغا ئەزا بولۇشى مەسىلىسىدە تارىخىي كېلىشىم ھاسىل قىلدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان؛ بۇ ھەقتە نامايان قىلغان جاسارىتىڭىز، رەھبەرلىكىڭىز ۋە دېپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىڭىز ئۈچۈن سىزدىن مىننەتدارمىز.»

پىرېزىدېنت بايدىن باشلىقلار يىغىنىدا ناتونىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىدا قەتئىي چىڭ تۇرىدىغانلىقىدەك مەيدانىنى نامايان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «مۇداپىئە ئىشلىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.»

بايدىن لىتۋانىيەنىڭ پايتەختى ۋىلنيۇستا چاقىرىلغان ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدىمۇ، شىۋېيتسىيە مەسىلىسىدە كۆرسەتكەن دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرى ۋە ئۆزگىچە رەھبەرلىكى ئۈچۈن ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەنىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىنغا ئىنكاس قايتۇردى.

ئەردوغان باياناتىدا: «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەر دائىمقىغا ئوخشاشلا ناتونىڭ كېڭىيىشى ھەم تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىنى سەمىمىيەت، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە پىرىنسىپال پوزىتسىيە تۇتۇش ئاسسىدا داۋاملىق قوللايمىز. ناتونىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق بىخەتەرلىك خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۈنۈملۈك چارە – تەدبىرلەردىن پايدىلىنىش، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش، شۇنداقلا رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق تىنچلىق ئورنىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا چىەن دىلىمدىن ئىشىنىمەن. تۈركىيەنىڭ قانۇقلۇق بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى، <ئورتاق مەنپەئەت يەتكۈزۈش> پىرىنسىپىغا ئاساسەن شەكىللەنگەن رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق پائالىيەتلىرىگە ئەھمىيەت بېرىلسىلا، بىز ئىجابىي مەيدانىمىزنى داۋاملىق ساقلاپ قالىمىز. پىرېزىدېنت بايدىن؛ ياخشى تىلەكلىرىڭىز ۋە ئىلتىپاتىڭىز ئۈچۈن مەنمۇ سىزگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر