ئۇكرائىنا ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ناتوغا ئەزا بولالمايدۇ

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەگە قارشى ئۇرۇشى داۋاملىشىۋاتقان ۋاقىتتا، ناتوغا ئەزا بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2010196
ئۇكرائىنا ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ناتوغا ئەزا بولالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈنۈگۈن (2023-يىلى 11-ئىيۇل) لىتۋانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ناتو باشلىقلار يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇ يىغىندا ئۇكرائىناغا مۇھىم ھەربىي ياردەملەرنى قىلىش ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ناتو-ئۇكرائىنا كېڭىشىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رەھبەرلەرنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئۇكرائىنا ئۈچۈن بەزى سىياسىي ۋە ھەربىي شەرتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەزالىق پىلانىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئەزالىق مۇساپىسىنى ئىككى باسقۇچتىن بىر باسقۇچقا قىسقارتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىتتىپاقداشلار پىكىر بىرلىكىگە كەلگەندە ۋە شەرتلەر ئورۇنلانغاندا، ئۇكرائىناغا ناتوغا ئەزا بولۇشى ئۈچۈن تەكلىپ ئەۋەتىدىغانلىقىمىزنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق.»

ئۇ «ئۇكرائىنانىڭ بويسۇنۇشى كېرەك بولغان، ئەمما كەم قالغان مەسىلىلەرنىك قايسىلار» ئىكەنلىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

«ئىككى ئامىل بار. بىرىنچىسى، مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى قانچىلىك زامانۋىيلاشتۇرالايدۇ، چىرىكلىككە قارشى كۈرەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا باشقۇرۇش ئىشلىرىنى قانداق كۈچلەندۈرىدۇ. بۇلار ناتو ھەر قېتىم كېڭەيگەندە ئويلىشىدىغان مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ياخشى باشقۇرۇش ۋە مۇداپىئەسى كۈچلۈك بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ناتو بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلالايدىغان قوراللىق قىسىم تەلەپ قىلىمىز. مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ زامانىۋىيلاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن نۇرغۇن يىل سەرپ قىلىنىدىغان پىروگراممالار ئارقىلىق بىرلىكتە خىزمەت قىلىمىز.

ئىككىنچى ئامىل بولسا، ئۇكرائىنادا داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى پۈتكۈل دۇنيانى تەسىرلەندۈرگەن جاسارىتىنى نامايان قىلدى. بىراق، ئىتتىپاقداشلارنىڭ ھەممىسى ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئۇكرائىنانى ئەزالىققا قوبۇل قىلماسلىق توغرىسىدا ئوخشاش پىكىرگە ئىگە.»

بۇ جەرياندا، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي لىتۋانىيە پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇكرائىنانىڭ ناتوغا ئەزا بولۇشىنى قوللاش كونسېرتىنىڭ ئېچىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، ناتونىڭ ئۇكرائىنا بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭمۇ ناتونى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر