موراتىنوس: گېرمانىيەدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي ۋەكىلى مىگۇئېل ئانگېل موراتىنوس گېرمانىيەدىكى مېمار سىنان جامەسىنىڭ ئالدىغا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈپ ئېتىش ھەرىكىتىنى «ئىغۋاگەرچىلىك، ھۆرمەتسىزلىك ۋە قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان قىلمىش» دەپ ئاتىدى.

2010144
موراتىنوس: گېرمانىيەدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موراتىنوس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، دىنىي ئىشلار تۈركىيە - ئىسلام بىرلىكىگە قاراشلىق مېمار سىنان جامەسىنىڭ ئالدىدا قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈپ ئېتىش قىلمىشى توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ قىلمىشنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىنىڭ يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ قۇرئان كەرىمگە پەسكەشلەرچە قىلىنغان ئۆچمەنلىك قىلمىشىدۇر. دەرۋەقە بۇ قىلمىش تېخىمۇ كۆپ غەزەپ – نەپرەت ھەم نارازىلىقىنى قوزغايدۇ،  زوراۋانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.»

دىنىي ئىشلار تۈركىيە - ئىسلام بىرلىكى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، يولدا كېتىۋاتقان بىر ئاپتوموبىلدىن بادېن-ۋورتتمبېرگ ئۆلكىسىنىڭ مائۇلبرون رايونىدىكى مېمار سىنان جامەسىنىڭ ئالدىغا قۇرئان كەرىمنىڭ كۆيدۈرۈلۈپ  ئېتىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

مېمار سىنان جامەسى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئوسمان ئادىبەللى بۇ ھەقتە سوتقا ئەرز سۇنغانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.

ئۇ يەنە، بۇ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغانلىقلىرىنى ۋە قاتتىق ئەندىشە ئىچىدە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشكە باشلانغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر