خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى باشلىقى ئىران بىلەن ھەمكارلىقلىرى توغرىسىدا توختالدى

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى (IAEA) باشلىقى رافائىل مارىيانو گروسسى ئىران بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ «كۆڭۈلدىكىدەك سەۋىيەدە ئەمەسلىكى»نى ئېيتتى.

2008673
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى باشلىقى ئىران بىلەن ھەمكارلىقلىرى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گروسسى ياپونىيەنىڭ پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ ئىران بىلەن بولغان ھەمكارلىقى داۋاملاشماقتا. ئەمما ئۇ مەن ئويلىغان سەۋىيەدە ئەمەس» دېدى.

گروسسى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىنىڭ توختىتىلىشى توغرىسىدىكى ئەھۋالغا «قىيىن» دەپ باھا بېرىپ: «يادرو كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك تىرىشچانلىقلار ھازىر توختاپ قالدى، ئىلگىرىلەشلەر كۆپ ئەمەس» دېدى.

ئۇ مارتتا ئىراندا زىيارەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە كېلىشىمگە مۇناسىۋەتلىك «ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەر»نىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر