دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلەشمىسى خاتىبلارنى قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلەشكە چاقىردى

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلەشمىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىمام - خاتىبلارنى جۈمە خۇتبىلىرىدە قۇرئان كەرىمگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى ئەيىبلەشكە چاقىردى.

2007945
دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلەشمىسى خاتىبلارنى قۇرئان كەرىمگە قىلىنغان ھۇجۇملارنى ئەيىبلەشكە چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلەشمىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىمام - خاتىبلارنى بۇ ھەپتىلىك جۈمە خۇتبىلىرىدە شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدىكى بىر جامەنىڭ ئالدىدا سادىر قىلىنغان قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنى ئەيبلەشكە ۋە مەسجىدى ئەقسا قاتارلىق پەلەستىندىكى مۇقەددەس جايلارنى قوغداش مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلەشمىسىنىڭ ستوكھولمدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈشتەك قەبىھ قىلمىش ئەسلىتىپ ئۆتۈلگەن يازما باياناتىدا: «ئۆچمەنلىككە تولغان، قۇترىتىش خاراكتېرلىك بۇ جىنايى قىلمىش بارلىق قىممەت قاراشلارغا، ئەخلاققا ۋە دىنىي جەھەتتىكى مۇقەددەس ئامىللارغا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىغا خىلاپ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «تاجاۋۇزچىلار»نىڭمۇ پەلەستىندىكى بەزى مەسچىتلەردە قۇرئان كەرىمنى يىرتىۋەتكەنلىكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى قىبلىسىگە بىھۆرمەتلىك قىلغانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ھاقارەت خاراكتېرلىك ھەجۋىي رەسىملەرنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقى، ئەمما ھۆكۈمەت ۋە خەلقلەرنىڭ بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرمىگەنلىكى قەيت قىلىنغاندىن كېيىن: «بىز بارلىق مۇسۇلمان ئۆلىمالارنى 7- ئىيۇلغا توغرا كېلىدىغان جۈمە خۇتبىسىدە شىۋېتسىيەدىكى قۇرئان كەرىمنى كۆيدۈرۈش قىلمىشىنى ئەيىبلەشكە ھەمدە مەسجىدى ئەقسا ۋە پەلەستىندىكى مۇقەددەس جايلىرىمىزنى قوغداش ھەققىدە سۆزلەشكە چاقىرىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، مۇسۇلمان دۆلەتلەر بۇ خىل جىنايەتنى سادىر قىلغانلارغا قارشى دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي بايقۇت ئېلان قىلىش قاتارلىق ئەمەلىي تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا چاقىرىلدى.

مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتلىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دىننى ھاقارەتلەشنى جىنايەت ھېسابلايدىغان بىر قانۇن ماقۇللاشقا چاقىرىلغان باياناتتا، ئىككىنچى قەدەمدە، مەزكۇر قانۇننى دىنغا ھۇجۇم قىلىشنىڭ خەلقئارانىڭ تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكىگە خىلاپلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تاپشۇرۇش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

باياناتتا يەنە، مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغىمۇ بۇ مەسىلىگە قارشى «تىنچلىق» نامايىشلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئەرز سۇنۇشنى تەۋسىيە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر