ئېممانۇئېل ماكرون فىرانسىيەدىكى ھادىسىلەر تۈپەيلىدىن گېرمانىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈردى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىر ياشنىڭ ساقچى ئوقىدا قازا قىلىشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن ھادىسىلەر تۈپەيلى 2- ئىيۇلدىن 4-ئىيۇلغىچە گېرمانىيەدە ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىنى كېچىكتۈردى.
2005797
تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: نەنتېررې شەھىرىدە 27- ئىيۇندا نائېل م ئىسىملىك ياش شوپۇر ساقچىنىڭ ئوقى بىلەن ئۆلگەندىن كېيىن، پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ھەر كۈنى كەچتە نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكتە.
فىرانسىيەنىڭ <BFMTV> قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ماكرون دۆلەتتىكى زوراۋانلىق ۋەقەرلىرى سەۋەبىدىن 2-ئىيۇلدىن 4-ئىيۇلغىچە گېرمانىيە ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتىنى كېچىكتۈرگەن.
ئېلىسې سارىيىدىن فىرانسىيە قانىلىغا بېرىلگەن باياناتتا، ماكرون بىلەن گېرمانىيە پىرېزىدېنتى فرانك-ۋالتېر ستېينمېيېرنىڭ كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، ماكروننىڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى سەۋەبىدىن ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە فىرانسىيىدە قېلىشنى خالىغانلىقى بىلدۈرۈلدى ۋە ماكروننىڭ گېرمانىيە زىيارىتىنى كېچىكتۈرۈشى ھەققىدە ئىككى پىرېزىدېنتنىڭ كېلىشكەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.