تۈركىيە رەھبەرلىرى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئائىلىسىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان خەۋىرىگە، تۈركىيە رەھبەرلىرى قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

2004586
تۈركىيە رەھبەرلىرى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  تۈركىيە  مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئوغلى ھۆرمەتلىك بىلال ئەردوغان ئەپەندى ھەققىدە ئالدامچىلىق بىلەن ساختا خەۋەر تارقاتقان رويتېرس ئاگېنتلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن. ھەممە شۇنى بىلىشى كېرەككى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتلىرىنى چىقىش نۇقتا قىلغان ھالدا ھەرىكەت قىلىدۇ.»

تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرى يىلماز تۇنچ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، رويتېرس ئاگېنتلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئويدۇرما خەۋەر ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ چەك - چېگراسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى بولۇپ، بۇ خەۋەر تەتۈر تەشۋىقاتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

«ئەي رويتېرس ئاگېنتلىقى! خەۋىرىڭلاردا ھەم <بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى جەزملەشتۈرەلمىدۇق> دەپسىلەر، ھەمدە شۇنداق بولۇشىغا قارىماي جەزملەشتۈرەلمىگەن مەزمۇنلارنى خەۋەرلەشتۈرۈش ئارقىلىق جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ شان – شەرىپىنى دەپسەندە قىلىش ئۈچۈن سۇيىقەست قىلماقچى بولۇپسىلەر. ھالبۇكى، دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا قانۇنلاردا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ چەك – چېگرالىرى ئىنتايىن ئېنىقتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ساختا خەۋەرلەر ئارقىلىق شەخسىي ھەق – ھوقۇقلارنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىنى قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر خەۋىرىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاساسسىز دەۋالار ۋە تەتۈر تەشۋىقاتلار بىلەن تولۇپ تاشقان ئاتالمىش خەۋىرى ئاخبارات تارىخىدىكى قارا داغ، شۇنداقلا 171 ياشلىق تارىخقا ئىگە رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ  ئۆزىنى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا كەمسىتكەنلىكىنىڭ ئېچىنىشلىق مىسالىدۇر.»

«شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمىزكى، تۈركىيەگە بېسىم ئىشلىتىش مەقسىتىدە تۈركىيەگە قارشى بىر قىسىم جەمئىيەتلەر، شەخسلەر ۋە ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن تارقىتىلىۋاتقان بۇ ئويدۇرما خەۋەر تۈركىيەنىڭ پىرىنسىپال مەيدانىغا ھەرگىزمۇ زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ.»

ئۇ بۇ ئويدۇرما خەۋەرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو باشلىقلار يىغىنى ھارپىسىدا تارقىتىلىشىنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر