ئامېرىكانىڭ ناتودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى تۈركىيە - ناتو مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختالدى

ئامېرىكانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتودا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى، باش ئەلچى جۇلىئان سىمىس تۈركىيەنىڭ ناتو بىلەن بولغان بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2003902
ئامېرىكانىڭ ناتودا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى تۈركىيە - ناتو مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئەلچى سىمىس ناتو ۋە تۈركىيە ھەمكارلىقى تېمىلىق تور يىغىنىدا سۆز قىلدى ۋە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى؛ ئۇ ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان بىخەتەرلىكنى كۈچەيتىش يولىنىڭ «شىۋېتسىيەنى ناتوغا تولۇق ئەزا سۈپىتىدە قوبۇل قىلىش مۇساپىسىنى تاماملاش» ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، شىۋېتسىيەنىڭ «تېررورلۇققا تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەسىگە زور ئۆزگەرتىىشلەرنى كىرگۈزۈپ، تۈركىيەنىڭ ئەندىشىلىرىگە جاۋاب قايتۇرغانلىقى»نى ئېيتتى.

شىۋېتسىيە لىتۋا پايتەختى ۋىلنيۇستا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا ناتوغا قوبۇل قىلىنسا، ئۇنىڭ F-16 مۇساپىسىنى تېزلىتىدىغانلىقىنى ئېيتىشقا بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەن سىمس، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ F-16 تىپلىق ئايروپىلانلارنى سېتىۋېلىپ، فىلوسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ناتو ئۈچۈن پايدىلىق ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سىمىس قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەنىڭ رۇسىيە- ئۇكرائىنا ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيان دۇنيا مىقياسىدىكى ئىنتايىن ھالقىلىق كېلىشىملەرنى ھاسىل قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى بايان قىلىپ: «بىز بۇ ساھەدە نامايان قىلغان قايىل قىلارلىق تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىكى كىشىلەردىن مىننەتدارمىز ۋە ئۇلارنىڭ بۇنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ كوسوۋودا ناتوغا قوشقان تۆھپىسى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ: «ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى، تېخىمۇ كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، تۈركىيەنىڭ ناتو بىلەن بولغان بىخەتەرلىك مۇناسىۋىتى كۈچلۈك قوللاشقا ئېرىشمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانى قوللاشتىن تارتىپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقىچە، بالقان رايونىدىن تارتىپ پۇل - مۇئامىلە ھەمكارلىقىغىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان سىمىس، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ناتودىكى بارلىق ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر