رۇسىيە 48 ئاۋسترالىيەلىككە جازا يۈرگۈزدى

رۇسىيە ۋىكتورىيە ئۆلكىسى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى جاكىنتا ئاللاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 48 ئاۋسترالىيە پۇقراسىغا «غەربنىڭ رۇسوفوبىيە (رۇسىيەگە قارشى تۇرۇش) ھەرىكىتىنى قوللىغانلىقى» ئۈچۈن جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

2003826
رۇسىيە 48 ئاۋسترالىيەلىككە جازا يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ABC قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋا ئاللان قاتارلىق 48 سىياسىيون، ژۇرنالىست ۋە سودا – سانائەتچىنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىگە كىرىشىنى چەكلىگەن.

رۇسىيە جازا يۈرگۈزگەن كىشىلەرنى غەربنىڭ «رۇسوفوبىك» ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشۇش بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە بۇ جازانىڭ رۇسىيە پۇقرالىرىغا يۈرگۈزۈلگەن «سىياسىي غەرەزلىك» جازالاردىن ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئالان جازا قارارىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ: «بىز ھازىرقىدەك قىيىن شارائىتتا ئۇكرائىنالىق ئائىلىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرىمىز» دېدى.

رۇسىيە 16 – ئىيۇن (2023) كۈنى ژۇرنالىستلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە سودىگەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 121 ئاۋىستىرالىيەلىككە جازا يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانىدى.

2022 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى باشلانغان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئاۋسترالىيە رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كرېمىل باياناتچىسى دىمىرىي پېسكوۋ ۋە رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى مارىيا زاخاروۋا قاتارلىق كىشىلەرگە جازا يۈرگۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر