تىتانىك ساياھىتى تەشكىللىگەن سۇ ئاستى پاراخوتى تېپىلدى

ئاتلانتىك ئوكياندىكى تىتانىك پاراخوتىنىڭ قالدۇقلىرىنى كۆرۈش سەپىرىدە غايىب بولغان «تىتان» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتى تېپىلدى.

2003463
تىتانىك ساياھىتى تەشكىللىگەن سۇ ئاستى پاراخوتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەكشەنبە كۈنى (18-ئىيۇن) ئاتلانتىك ئوكياندىكى تىتانىك پاراخوتىنىڭ قالدۇقلىرىنى كۆرۈش سەپىرىدە غايىب بولغان «تىتان» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ «قالدۇقلىرى»، سۇ ئاستى پاراخوتىدىكى جېنىدىن ئايرىلغان بەش كىشىنىڭ جەسىتى بىلەن بىرگە تېپىلدى.

ئامېرىكا دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ خادىملىرى سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ بېسىم سەۋەبىدىن پارتلاپ پارچىلىنىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

«تىتان» ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ پارچىلىرى، تىتانىكنىڭ قالدۇقلىرىدىن 488 مېتىر يىراقلىقتا، تۆت كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا تېپىلدى.

«ۋال كوچىسى گېزىتى»، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەخپىي ئاۋاز سىستېمىسىنىڭ تىتان سۇ ئاستىغا شۇڭغۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا پارتلاش ئاۋازىنى بايقىغانلىقىنى يازدى.

سۇ ئاستى پاراخوتىغا مۇناسىۋەتلىك ئېچىنىشلىق تەپسىلاتلار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى.

يوقاپ كەتكەن سۇ ئاستى پاراخوتىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئەنگلىيەلىك مىلياردېر ستوكتون رۇش (StocktonRush) نىڭ ئايالى ۋېندى رۇش (Wendy Rush) نىڭ 1912-يىلى تىتانىك ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغان بىر ئەر-ئايالنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 6.5 مېتىر كېلىدىغان سۇ ئاستى پاراخوتى تىتان، بەش يولۇچىسى بىلەن يەكشەنبە كۈنى 96 سائەت يېتىدىغان ئوكسىگېن مىقدارى بىلەن سۇغا شۇڭغۇپ، تىتانىك پاراخوتىنىڭ قالدۇقلىرىنى كۆرۈش ساياھىتى تەشكىللىگەن ئىدى.

بۇ يولۇچىلار ئىچىدە 58 ياشلىق ئەنگلىيەلىك مىلياردېر خامىش خاردىڭ (Hamish Harding)، پاكىستاندىكى ئەڭ باي سودىگەرلەرنىڭ بىرى 48 ياشلىق شاھزادە داۋۇت ۋە ئۇنىڭ 19 ياشلىق ئوغلى سۇلايمان، ئوكيان دەرۋازىسى (OceanGate) شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ستوكتون رۇش، فىرانسىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتى ماتروسى پاۋل خېنرىي نارگېيولېت (Paul Henry Nargeolet)  بار ئىدى.

سەپەر ۋاقتى 2.5 سائەت ئەتراپىدا تەخمىن قىلىنغان سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ «Polar Prince» ناملىق پاراخوت بىلەن بولغان ئالاقىسى 1 سائەت 45 مىنۇتتىن كېيىن ئۈزۈلۈپ قالغان ئىدى.

پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يوقاپ كەتكەن سۇ ئاستى پاراخوتىدا جېنىدىن ئايرىلغان بەش كىشى ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

تېلېگراممىدا، يوقاپ كەتكەن سۇ ئاستى پاراخوتىدىكى شاھزادە داۋۇت بىلەن ئوغلى سۇلايمان داۋۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش كىشىنىڭ ئۆلۈمى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ۋە يېقىن-يورۇقلىرىغا سەۋر تىلەندى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ  سۇ ئاستى پاراخوتىنى تېپىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر