مودى خەلقئارالىق ئورگانلارنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى خەلقئارالىق تەرتىپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىش ئۈچۈن ب د ت نى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

2003503
مودى خەلقئارالىق ئورگانلارنى ئىسلاھ قىلىشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا رەسمىي دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئامېرىكا كونگرەسىدە جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرىغا خىتاب قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا-ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختىلىپ: «ئامېرىكا ئەڭ مۇھىم مۇداپىئە شېرىكلىرىمىزدىن بىرىگە ئايلاندى» دېدى.

ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئالەم ئىشلىرىدا ۋە دېڭىز-ئوكيانلاردىكى ئۆزئارا ھەمكارلىقلىرىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىقتىساد، سۇنئىي ئەقىل، ئېنېرگىيە، مائارىپ، بىلىم قاتارلىق ئوخشىمىغان نۇرغۇن ساھەلەردە بىرلىكتە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھىندى ئامېرىكالىقلارنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى رولى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغاندا، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرغان مۇئاۋىن پرېزىدېنت كامالا خاررىسنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە تۆھپە قوشقان ھىندى ئامېرىكالىق رەھبەرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە، يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جەنۇبتىكى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئاۋاز بېرىلىشى كېرەكلىكىنى؛ بۇ رامكىدا، ئافرىقا ئىتتىپاقى 20 دۆلەت گۇرۇھىغا تولۇق ئەزا بولۇشى كېرەك، دېگەن قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ كونگرە ئەزالىرى «ھىندىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى سەۋەبىدىن» يىغىنغا قاتناشمىدى.

ئامېرىكادىكى مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ ئەزالىرى ھىندىستاندا مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىغا دەپسەندىچىلىك قىلىنغانلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، مودىنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر