خىتايدىكى پارتلاشتا 31 كىشى قازا قىلدى

خىتاينىڭ نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى يىنچۈەندە بىر ئاشخانىدا گاز پارتلاپ 31 كىشى قازا قىلدى.

2003009
خىتايدىكى پارتلاشتا 31 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: نىڭشىيانىڭ يىنچۈەن شەھىرىدىكى بىر كاۋاپخانىدا تۈنۈگۈن (21-ئىيۇن) كەچتە پارتلاش يۈز بەردى.

ۋەقەدە، 31 كىشى قازا قىلىپ، يەتتە كىشى يارىلاندى.

خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىغان «ئەجدېرھا قولۋاق بايرىمى» دىن ئىلگىرى يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ گاز سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بولسا، جاۋابكارلارنى قانۇن ئالدىدا سوراققا تارتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر