ئىسرائىلىيەنىڭ جېنىنغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى يەتتىگە يەتتى

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىننىڭ غەربىي قىرغاق (ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقى) رايونىغا جايلاشقان جېنىن شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا يارىلانغان 15 ياشلىق بىر قىز ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2002363
ئىسرائىلىيەنىڭ جېنىنغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى يەتتىگە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ غەربىي قىرغاقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان جېنىن شەھىرىگە قىلغان 19 – ئىيۇندىكى ھۇجۇمىدا ئېغىر يارىلانغان 15 ياشلىق سەدىل نەغنەغىييەنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ جېنىن شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەر سانى ئىككىسى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي يەتتىگە يەتتى.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى دۈشەنبە كۈنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان جېنىن شەھىرىگە «ئاپاچې» تىپلىق تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىپ،  بىر كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 66 ئادەمنى يارىلاندۇرغانىدى. سۈركىلىش جەريانىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ يەتتە ئەسكىرىمۇ يارىلانغانىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدىن بۇيانقى غەربىي قىرغاققا قاراتقان قانلىق ھۇجۇملىرى ۋە مۇھاسىرە ئاستىدىكى غەززە شەھىرىگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەن پەلەستىنلىكلەر سانى 174 كە يەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر